جىن-ئالۋاستلارنىڭ قاچۇرۇلۇشى

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

32ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، جىن چاپلاشقان بىر گاچا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. 33ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىننى قوغلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ھەيران بولۇپ:

_ بۇنداق ئىش ئىسرائىلىيىدە زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

22شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ساقايتىپ، سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. 23خالايىق ھەيران بولۇشۇپ:

_ ئەجەبا، بۇ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

24بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرىسىيلەر:

_ ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن، _ دېيىشتى.

25ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇلارمۇ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. 26ئەگەر شەيتان ئۆز باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلارنى ھەيدىسە، ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ 27ئەگەر مەن جىنلارنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىسەم، سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىڭلار دەلىللەپ بېرىدۇ. 28ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

23ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بار ئىدى. دەل شۇ چاغدا، ئۇ:

24_ ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! _ دەپ توۋلاپ كەتتى.

25ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى سۆزلىتىۋاتقان جىنغا بۇيرۇق قىلىپ:

_ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېدى.

26جىن ھېلىقى ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇردى ۋە پەرياد كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى.

27بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە:

_ بۇ قانداق ئىش؟ يىپيېڭى بىر تەلىمغۇ! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن! ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

2ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، جىن چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. 3ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى ھەتتا زەنجىر بىلەنمۇ باغلاپ قويالمايتتى. 4بىرنەچچە قېتىم قوللىرى زەنجىرلىنىپ، پۇتلىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان بولسىمۇ، زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى. ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. 5كېچە-كۈندۈز مازارلىق ۋە دالالاردا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى. ئۆز-ئۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇراتتى.

6ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، يۈگۈرگەن پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەرگە باش قويدى 7ۋە قاتتىق ۋارقىراپ:

_ ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! خۇدا ئالدىدا سەندىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، مېنى قىينىما! _ دېدى. 8سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا: «ھەي جىن، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق!» دەپ بۇيرۇغانىدى.

9ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن:

_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئىسمىم «مىڭلىغان»، چۈنكى سانىمىز كۆپ، _ دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن 10ۋە ھەزرىتى ئەيسادىن ئۆزلىرىنى ئۇ زېمىندىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.

11شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. 12جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ بىزنى مۇشۇ توڭگۇز پادىسىغا ھەيدىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە ئىجازەت بەرگىن، _ دەپ يالۋۇرۇشتى. 13ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىجازىتى بىلەن جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. ئىككى مىڭغا يېقىن توڭگۇز پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

24ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇ يەردە بىر ئۆيگە كىردى. ئەسلىدە ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرالمىدى. 25جىن تەگكەن كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. 26سۈرىيە ئۆلكىسىنىڭ فەنىكىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان يەھۇدىي ئەمەس بۇ ئايال ھەزرىتى ئەيسادىن قىزىدىكى جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئالدى بىلەن بالىلار يەپ تويسۇن، بالىلارنىڭ نېنىنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، _ دېدى.

28ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن:

_ شۇنداق، تەقسىر، بىراق ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، _ دېدى.

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ توغرا ئېيتتىڭ. مۇشۇ سۆزۈڭ ئۈچۈن جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ئەمدى قايتقىن، _ دېدى.

30ئايال ئۆيىگە قايتقىنىدا، قىزىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆردى. جىن ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتكەنىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

17كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا:

_ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىۋېلىپ، گەپ قىلالماس قىلىپ قويدى. 18جىن ھەر قېتىم ئوغلۇمغا چاپلاشسا، ئۇنى يەرگە يىقىتىۋېتىدۇ. بالىنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ. پۈتۈن ئەزايى قېتىپ قالىدۇ. شاگىرتلىرىڭىزدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، _ دېدى.

19_ ئەي ئېتىقادسىز ئەۋلاد! سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە، مەن سىلەر بىلەن يەنە قانچىلىك بىللە بولۇشۇم كېرەك؟ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار.

20ئۇلار بالىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جىن ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى.

بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، يەردە يۇمىلاشقا باشلىدى.

21ھەزرىتى ئەيسا بالىنىڭ ئاتىسىدىن:

_ ئۇنىڭ بېشىغا بۇ كۈن كەلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ _ دەپ سورىدى.

_ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق. 22جىن ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. قولىڭىزدىن كەلسە بىزگە شاپائەت قىلىپ، ھالىمىزغا يەتكەيسىز! _ دېدى بالىنىڭ ئاتىسى.

23_ سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچ بار بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

24_ ئىشەنچىم بار، لېكىن ئاجىز. ئىشەنچىمنى كۈچەيتكەيسىز! _ دېدى بالىنىڭ ئاتىسى شۇئان. 25ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، جىننى ئەيىبلەپ:

_ ئەي ئادەملەرنى گاس ۋە گاچا قىلىدىغان جىن! بۇيرۇق قىلىمەنكى، بالىنىڭ تېنىدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! _ دېدى.

26شۇنىڭ بىلەن، جىن بىر پەرياد كۆتۈردى-دە، بالىنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك جىم بولۇپ قالدى. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى بالىنى «ئۆلدى!» دېيىشتى. 27لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزغاندا، بالا ئورنىدىن تۇردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 16- باب

16بىر كۈنى بىز يەھۇدىيلار دۇئا قىلىدىغان جايغا يەنە بىر قېتىم بارغاندا، ئالدىمىزغا بىر دېدەك چىقتى. بۇ قىزغا جىن چاپلىشىۋالغان بولۇپ، بۇ روھ ئۇنى باشقىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىغا پال سالىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنلىرىغا پال سېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تېپىپ بەرگەنىدى. 17ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ:

_ بۇ كىشىلەر ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، ئۇلار سىلەرگە قۇتقۇزۇلۇش يولىنى يەتكۈزىدۇ! _ دەپ ۋارقىراپ ماڭدى.

18ئۇ خېلى كۆپ كۈن ئۇدا شۇنداق ۋارقىرىغانىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىزار بولغان پاۋلۇس قىزغا جىن چاپلىشىۋالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، ھېلىقى جىنغا:

_ ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 19- باب

11خۇدا پاۋلۇس ئارقىلىق ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتى. 12بەزىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە لۆڭگىلىرىنى پاۋلۇسنىڭ تېنىغا تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قوياتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، جىنلار ئۇلارنىڭ تېنىدىن چىقىپ كېتەتتى. 13شۇ ئەتراپتا ئايەت ئوقۇپ جىن قوغلاشنى كەسىپ قىلىۋالغان بەزى يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ، جىنلارنى ھەيدىۋەتمەكچى بولۇشاتتى. ئۇلار جىنلارغا: «پاۋلۇس ئېيتقان ئەيسانىڭ نامىدىن بۇيرۇيمەنكى، چىقىپ كېتىڭلار!» دەيدىغان بولدى. 14بۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئالىي روھانىينىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى. 15بىر كۈنى ئۇلار جىن چاپلىشىۋالغان بىر كىشىنىڭ تېنىدىكى جىننى قوغلىماقچى بولغاندا، جىن چىقىشقا ئۇنىماي، ئۇلاردىن:

_ مەن ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇسنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، بىراق ئۆزۈڭلارچۇ؟ ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

16شۇنىڭ بىلەن، جىن چاپلىشىۋالغان كىشى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جىن قوغلىغۇچىلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. ئۇلار يارىلىنىپ، كىيىملىرى يىرتىلىپ، يالىڭاچ ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

10ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن. 11شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىڭلار. 12چۈنكى، بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز. 13مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى