ئايۇپ ئەلەيھىسسالام

تەۋرات، « ئايۇپ » 1- باب

1ئۇز دىيارىدا ئايۇپ ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇراتتى. 2ئۇنىڭ يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز پەرزەنتى بار ئىدى. 3ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق چىشى ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى. 4ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بىلەن بىر-بىرىنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ، زىياپەت بېرىشەتتى، ئاچا-سىڭىللىرىنىمۇ چاقىرىپ ھەمداستىخان بولاتتى. 5ھەر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئايۇپ پەرزەنتلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى پاكلىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ھەر بىر ئوغلى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ: «پەرزەنتلىرىم كۆڭۈللىرىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ دائىم شۇنداق قىلاتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئايۇپ » 1- باب

13بىر كۈنى ئايۇپنىڭ پەرزەنتلىرى ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇراتتى. 14بىر ئادەم كېلىپ ئايۇپقا:

_ ئۆكۈزلەر بىلەن يەر ھەيدەۋاتاتتۇق، ئېشەكلەر بىر ياقتا ئوتلاۋاتاتتى. 15شىبالىقلار تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ، مال-ۋارانلارنى بۇلاپ، پۈتۈن خىزمەتكارلارنى قىرىۋەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ چىقىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

16ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ:

_ ئاسماندىن چاقماق چۈشۈپ، قويلار بىلەن پادىچىلارنى ھالاك قىلدى. يالغۇز ئۆزۈم ساق قېلىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

17ئۇنىڭمۇ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ:

_ كالدانلار ئۈچ توپقا بۆلۈنۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلدى. خىزمەتكارلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۆگىلەرنى بۇلاپ كەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ چىقىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

18ئۇنىڭمۇ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ:

_ پەرزەنتلىرىڭىز چوڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئۆيىدە زىياپەتتە شاراب ئىچىپ ئولتۇرغانىدى. 19تۇيۇقسىز چۆل تەرەپتىن قارا بوران كېلىپ ئۆينى ئۆرۈۋەتتى. پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆينىڭ ئاستىدا قېلىپ قازا قىلدى. يالغۇز ئۆزۈم ساق قېلىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

20ئايۇپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىنى يىرتتى. چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

21«مەن بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن، يەنە يالىڭاچ كېتىمەن.

پەرۋەردىگار ئۆزى بەرگەننى ئۆزى ئېلىپ كەتتى.

پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا بولغاي!»

22ئايۇپنىڭ بېشىغا شۇنچىۋالا كۆپ بالا-قازا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خۇدانى ئەيىبلەپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئايۇپ » 2- باب

9ئايالى ئايۇپقا:

_ سەن يەنىلا پاك ئادەم بولماقچىمۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە خۇدانى قارغاپ، ئۆلگىنىڭ ياخشى! _ دېدى.

10_ سەن خۇددى نادان خوتۇنلاردەك گەپ قىلدىڭ. ئەجەبا بىز خۇدادىن پەقەت بەختكىلا ئېرىشىپ، بالا-قازانى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ _ دېدى ئايۇپ ئايالىغا.

ئايۇپ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئېغىز ئېچىپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئايۇپ » 42- باب

1ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

2«ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىڭنى،

ھېچكىم سېنىڭ مەقسەتلىرىڭنى توسالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن.

3سەن: ‹مېنىڭ دانالىقىمنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان كىم؟› دەپ سورىدىڭ،

دەرۋەقە، مەن چۈشەنمەيدىغان ئىشلار توغرۇلۇق كۆپ گەپ قىلدىم،

بۇ ئاجايىپ ئىشلارنى چۈشىنىشكە ئەقلىم يەتمەيدۇ.

4سەن: ‹سەن ئاڭلا، مەن سۆزلەي.

مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بەر› دېدىڭ.

5بۇرۇن كىشىلەردىن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىم،

ئەمدى ئۆز كۆزلىرىم بىلەن سېنى كۆردۈم.

6شۇڭا مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن،

توپا ۋە كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇرۇپ توۋا قىلىمەن.» [داۋامى]

تەۋرات، « ئايۇپ » 42- باب

10ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇرۇنقى روناق تاپقان چاغلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق بايلىق ئاتا قىلدى. 11ئايۇپنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە بۇرۇنقى دوستلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە غىزالاندى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كەلتۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھال سورىدى، تەسەللى بەردى. ھەر بىرى ئۇنىڭغا كۈمۈش ۋە بىردىن ئالتۇن ھالقىنى ھەدىيە قىلىشتى.

12ئايۇپنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادەت بۇرۇنقى ھاياتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئۇ 14 مىڭ تۇياق قوي، ئالتە مىڭ تۆگە، مىڭ جۈپ ئۆكۈز، مىڭ تۇياق چىشى ئېشەككە ئىگە بولدى. 13ئۇ يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىزلىق بولدى. 14ئۇ چوڭ قىزىغا يىمىما، ئوتتۇرانچى قىزىغا قىزىئا، كىچىك قىزىغا قەرەن-ھاپپۇك دەپ ئىسىم قويدى. 15ئۇ يەردە ئايۇپنىڭ ئۈچ قىزىغا ئوخشاش مۇنداق چىرايلىق قىزلار يوق ئىدى. ئايۇپ ئۇلارغا، ئاكىلىرىغا ئوخشاش مىراس قالدۇرۇپ، مال-مۈلۈكىدىن بەھرىمەن قىلدى.

16شۇنىڭدىن كېيىن ئايۇپ يەنە 140 يىل ياشاپ، ئەۋرە كۆردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 5- باب

10خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە قانداق سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار. 11بىز مانا مۇشۇنداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر خىل ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاخىردا خۇدانىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى