سۇلايمان ئەلەيھىسسالام

« زەبۇر » 127- مۇناجات

يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، سۇلايمان يازغان مۇناجات

1ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار،

ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر.

ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار،

بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.

2بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار

ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار،

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە

كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 1- باب

1داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى:

2بۇ پەند-نەسىھەتلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىگە ئىگە قىلار سېنى،

يېشەر ئىبرەتلىك سۆزلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى؛

3تەربىيىلەر سېنى ئاقىلانىلىك بىلەن ياشاشقا،

ھەققانىي، ئادىل ۋە دۇرۇس بولۇشقا؛

4چېچەن قىلار گول ئادەملەرنى،

بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار ياشلارنى.

5ئاڭلاپ بۇلارنى دانالار تېخىمۇ دانا بولسۇن،

زېرەكلەر ئاقىلانە مەسلىھەتكە ئېرىشسۇن.

6چۈشەنگىلى بولار بۇ پەند-نەسىھەتلەردىن ئەقلىيە سۆزلەرنى،

تەمسىللەرنى، ئاقىللارنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە تېپىشماقلىرىنى.

7پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر.

ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

42قىيامەت كۈنى ئەرەبىستاندىكى شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغى بار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 7- باب

45ئەجدادلىرىمىز ئىبادەت چېدىرىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلغان ۋە كېيىن يوشۇۋانىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا قوغلىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئىبادەت چېدىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە شۇ چېدىردا خۇداغا ئىبادەت قىلغان. 46پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ، يەنى ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىجازەت سورىغان. 47بىراق، خۇدا قوشۇلمىغان. كېيىن، پادىشاھ سۇلايمان خۇدا ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالغان. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى