«تېزلا بېيىش» چارە-ئاماللىرى

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 23- باب

12ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئال. ئۇلاغلىرىڭ، قۇللىرىڭ ۋە ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

11ئاسان ئېرىشكەن بايلىق بەرىكەتسىز بولار،

مېھنەت قىلىپ تاپقىنى بەرىكەتلىك بولار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

15گول كىشى ئىشىنىپ كېتەر ھەممە گەپكە،

زېرەك ئادەم ئويلىنار ھەر قەدەمدە. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

11يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق.

قۇرۇق خىيال سۈرگەننىڭ ئەقلى يوق.

12كۆز قىزارتار رەزىلنىڭ ئولجىسىغا يامانلار،

يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرەر ھەققانىيلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

2بىلمەي تۇرۇپ قىزغىنلىق قىلىش ياخشى ئەمەس،

ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىش قىلغان نىشانغا يەتمەس. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 21- باب

5چوقۇم مولچىلىق كەلتۈرەر ئەستايىدىل ئادەمنىڭ پىلانى،

پەقەت موھتاجلىقتا قالار بارلىق ئالدىراڭغۇ كىشى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 23- باب

4باي بولىمەن دەپ ئۇپراتما ئۆزۈڭنى،

ئەقىللىقلىق بىلەن تاشلا بۇ ئويۇڭنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

19يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق بولار.

قۇرۇق خىيال سۈرگەن تولىمۇ يوقسۇللۇققا قالار.

20ئېرىشەر مول بەرىكەتكە سادىق كىشى،

جازاسىز قالماس بايلىققا ئېرىشىشكە ئالدىرىغۇچى. [داۋامى]

تەۋرات، « يەشايا » 33- باب

15توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ.

مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار،

سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار،

رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار،

16مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ،

قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ،

ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

26بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟! [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

15كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە:

_ ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، _ دېدى 16ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ. 17ئۇ كۆڭلىدە «بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويىدىغان يېرىم يوق. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ 18توغرا، ھازىرقى ئامبارلىرىمنى بۇزۇپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئاشلىق ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە قويمامدىمەن؟!» دەپ ئويلاپتۇ. 19ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزىگە: «ۋاي-ۋۇي، سەن نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم! كۆپ يىل يەتكۈدەك مال-مۈلكۈڭ بار. يەپ-ئىچىپ، تۇرمۇشۇڭنى خۇشال-خۇرام، راھەت ئۆتكۈزمەمسەن؟!» دەپتۇ.

20لېكىن، خۇدا ئۇنىڭغا: «ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا ئامانەتنى تاپشۇرىسەن، ئۇنداقتا توپلىغان بارلىق بايلىقىڭ ئەمدى كىمگە قالار؟» دەپتۇ.

21ھەزرىتى ئەيسا يەكۈنلەپ مۇنداق دېدى:

_ ئۆزىگە بايلىق توپلىغان، ئەمما خۇدانىڭ نەزىرىدە باي بولمىغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 6- باب

17بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن. 18ئۇلارغا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنى، مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولۇشنى بۇيرۇغىن. 19بۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا ئاساس بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى