« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

47

1بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم كەنئاندىن قوي-كالا ۋە پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدى. ھازىرچە ئۇلار گوشەندە تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.

2ئاندىن كېيىن، يۈسۈپ بەش قېرىندىشىنى تاللاپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئېلىپ كەلدى.

3پادىشاھ يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىدىن:

_ سىلەر قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار جاۋابەن:

_ جانابلىرى، كەمىنىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش، مال بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىمىز. 4كەنئاندا قەھەتچىلىك ئېغىر بولغاچقا، مال باقىدىغان ئوتلاقمۇ يوق. شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق. جانابلىرىدىن كەمىنىلىرىنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە تۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمىز، _ دېدى.

5پادىشاھ يۈسۈپكە:

_ ئاتاڭ بىلەن قېرىنداشلىرىڭ بۇ يەرگە كەپتۇ. 6مىسىرنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۆزلىرى مەملىكەتنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى تاللىسۇن. گوشەندە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىقتىدارلىق كىشىلەر بولسا، ماللىرىمنى باشقۇرۇشقا قويساڭمۇ بولىدۇ، _ دېدى.

7كېيىن، يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئوردىغا باشلاپ كېلىپ، مىسىر پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتۈردى. ياقۇپ پادىشاھقا بەخت-سائادەت تىلىدى. 8پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ قانچە ياشقا كەلدىڭىز؟ _ دەپ سورىدى.

9ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ مەن بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ، بىر يۈز ئوتتۇز يىل ياشىدىم. بۇ جاپا-مۇشەققەتلىك ھاياتىمدا تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمدەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

10خوشلىشىش ئالدىدا، ياقۇپ يەنە پادىشاھقا بەخت تىلەپ، ئاندىن چىقىپ كەتتى. 11يۈسۈپ پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىرغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ رەمىس شەھىرىنىڭ يېنىدىن دۆلەتنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى ئۇلارغا زېمىنلىققا بەردى 12ھەمدە ئاتىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە نوپۇسنىڭ سانىغا قاراپ، ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەردى.

ئاچارچىلىق

13ئاچارچىلىق ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ھەممە يەردە ئاشلىق قالمىغانىدى. مىسىرلىقلار بىلەن كەنئانلىقلار ئاچلىقتىن ئاجىزلاپ كەتتى. 14يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممە پۇللىرىنى يىغىۋېلىپ ئوردىغا تاپشۇردى. 15مىسىر ۋە كەنئاندىكى خەلقنىڭ قولىدىكى پۇللار تۈگىگەندە، مىسىر خەلقى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ پۇللىرىمىز تۈگەپ كەتتى. ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قېلىشىمىز ئۈچۈن بىر ئامال قىلىپ، بىزگە ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەرگەيلا، _ دەپ تەلەپ قىلدى.

16يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ ئەگەر پۇلۇڭلار تۈگەپ كەتكەن بولسا، مېلىڭلارنى ئاشلىققا تېگىشىڭلار، _ دېدى.

17بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ماللىرىنى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئات، ئېشەك، قوي، كالا ۋە ئۆچكىلىرىگە ئاشلىق تېگىشىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ بەدىلىگە شۇ يىلى ئۇلارنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى.

18كېيىنكى يىلى، ئۇلار يەنە كېلىپ:

_ ئى ئالىيلىرى، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرمايمىز. پۇللىرىمىز پۈتۈنلەي تۈگىدى. ماللىرىمىزمۇ ئۆزلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر بىزنىڭ تېنىمىز ۋە يېرىمىزدىن باشقا ھېچ نەرسىمىز قالمىدى. 19ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قېلىشىمىزغا بىر ئامال قىلغايلا! يەرلىرىمىزنىڭ ئاق تاشلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزىمىز بىلەن يېرىمىزنى ئاشلىققا ئالماشتۇرۇپ بەرگەيلا. يەرلىرىمىز پادىشاھنىڭ بولسۇن. ئۆزىمىزمۇ پادىشاھنىڭ قۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلايلى. ھايات قېلىشىمىز ئۈچۈن، يەرلەرنى تېرىشىمىزغا ئۇرۇقلۇق بەرگەيلا! _ دەپ تەلەپ قىلدى.

20شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ پادىشاھ ئۈچۈن مىسىرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى سېتىۋالدى. ئاچارچىلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن مىسىرلىقلار يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، پۈتۈن يەر-زېمىن پادىشاھقا ئۆتۈپ كەتتى. 21پۈتۈن مىسىر خەلقىمۇ ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. 22پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا ئۆز قوللىرىدا قالدى. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشى ھاجەتسىز ئىدى. چۈنكى، ئۇلار پادىشاھتىن ھەقسىز ئاشلىق ئالاتتى.

23يۈسۈپ خەلققە:

_ مەن پادىشاھ ئۈچۈن سىلەرنى ۋە يەر-زېمىنلىرىڭلارنى سېتىۋالغانىكەنمەن، ئۇ يەرگە دېھقانچىلىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇق بېرەي. 24ھوسۇل ۋاقتىدا، ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلارغا ۋە ئائىلەڭلەرگە ئوزۇق ۋە ئۇرۇقلۇق قىلىڭلار، _ دېدى.

25ئۇلار:

_ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. بىزگە شەپقەت قىلىپ، بىزنى قۇللۇققا قوبۇل قىلغايلا،* _ دېيىشتى.

26شۇڭا، يۈسۈپ مىسىرلىقلارغا «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھوسۇلىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇش كېرەك» دېگەن قانۇننى تۈزۈپ بەردى. بۇ قانۇن بۈگۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولماقتا. پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا پادىشاھقا ئۆتمىدى.

ياقۇپنىڭ ئاخىرقى تەلىپى

27ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار روناق تېپىپ، ئاھالىلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. 28ياقۇپ مىسىردا ئون يەتتە يىل ياشاپ، بىر يۈز قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا غەمخورلۇق كۆرسىتىپ، مېنى مىسىرغا دەپنە قىلماسلىققا قەسەم قىلغىن. 30مەن ۋاپات بولغاندا، مېنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئاتا-بوۋام دەپنە قىلىنغان يەرگە دەپنە قىلغىن، _ دېدى.

يۈسۈپ ئاتىسىغا:

_ تاپشۇرۇقىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن، _ دېدى.

31ئىسرائىل:

_ ئۇنداق بولسا، ماڭا قەسەم قىلغىن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ قەسەم قىلدى. ئىسرائىل كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىدە باش قويۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.



*25ئەگەر ئۇلار قۇللۇققا قوبۇل قىلىنسا، تۇرمۇشىدىن غەم قىلمايتتى. چۈنكى، خوجايىنى ئۇلارنىڭ قورسىقىنى باقاتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى