« زەبۇر »

56

ئۇ داۋۇت يازغان مىقتام* بولۇپ، «يىراقتىكى ئۈنسىز كەپتەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. داۋۇت بۇ مۇناجاتنى فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى گات دېگەن شەھەردە تۇتۇۋالغاندا يازغان.

1شەپقەت قىلغىن ماڭا، ئى خۇدا.

كىشىلەر قىلىپ مېنى دەپسەندە،

كۈنبويى قىيناپ، بەكلا ئەزمەكتە.

2رەقىبلىرىم زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

تەكەببۇرلىشىپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى،

ماڭا قارشى جەڭگى-جېدەل چىقارماقتا.

3-4ئىشەنچ قىلدىم ساڭا خۇدا قورققان چېغىمدا،

ۋەدىلىرىڭ بولغاچ مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا.

ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا،

قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا.

5بۇرمىلار ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى دائىما،

خىياللىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشتۇر ماڭا.

6ئۇلار ماڭا يوشۇرۇن ھالدا ھۇجۇمغا چىقماقتا،

چۈشۈپ مېنىڭ پېيىمگە ھاياتىمغا قەست قىلماقتا.

7جازاسىز قالارمۇ ئۇلار گۇناھى تۇرۇپمۇ شۇنچە؟!

ئى خۇدا، ئۇلارنى گۇمران قىلغايسەن قەھرىڭدە.

8خاتىرىلەپ قويغانسەن بۇ سەرسانچىلىقلىرىمنى،

تۇلۇمغا قاچىلاپ قويغانسەن كۆز ياشلىرىمنى،

يېزىپ قويغانسەن دەپتىرىڭگە بۇلارنى.

9دۈشمەنلىرىم چېكىنەر ئىلتىجا قىلسام ساڭا،

شۈبھىسىزكى، مەن تەرەپتىدۇرسەن، ئى خۇدا.

10ئۇلۇغلارمەن خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى،

ئۇلۇغلارمەن ئىگەمنى ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى.

11ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا،

قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا.

12تۇرمىسام بولماس ۋەدىلىرىمدە، ئى خۇدا،

سۇنىمەن شۇڭا شۈكۈر قۇربانلىقلىرىمنى ساڭا.

13چۈنكى مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ئۆلۈمدىن،

ساقلىدىڭ ھەم پۇتلىرىمنى پۇتلىشىپ كېتىشتىن.

مەقسىتىڭ مېنى ئامان يۈرسۇن دەپ ئالدىڭدا،

ماڭسۇن دەپ ھەم ھاياتلىق نۇرۇڭدا.



*مىقتام _ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، تاش تاختىغا ئويۇلۇپ يېزىلغان مۇناجاتلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى