« زەبۇر »

59

داۋۇت بۇ مىقتامنى پادىشاھ سائۇل پايلاقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا ۋە پۇرسىتى كەلگەندە ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇق قىلغاندا يازغان.

1قۇتقۇز ئىگەم مېنى رەقىبلىرىمدىن،

قوغدا مېنى ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن.

2قۇتقۇزغايسەن يامانلارنىڭ قولىدىن،

ئازاد قىلغىن قانخورلارنىڭ قوينىدىن.

3-4جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئۇلار پايلاپ يۈرمەكتە،

نە جىنايەت، نە گۇناھلار بولسۇن مېنىڭدە.

ۋەھشىيلەر بىرلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلماقتا،

ھېچ يامانلىق قىلمىساممۇ ئۇلارغا.

ئۇلار تەييار بولماقتا ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا،

كەلگىن ماڭا ياردەم بېرىشكە،

نەزەر سېلىپ مېنىڭ ئۇشبۇ ھالىمغا.

5ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،*

ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا،

كەلگىن بارلىق خۇداسىزلارنى جازالاشقا،

شەپقەت قىلمىغىن رەزىل ساتقۇنلارغا. سېلاھ

6ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار،

لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر،

7توختىماستىن ئېغىزلىرىدىن يامانلىق چىقار،

تىللىرى ئۇلارنىڭ خەنجەرگە ئوخشار،

ئىچىدە «قىلغانلىرىمىزنى كىممۇ بىلەر» دەپ ئويلار.

8لېكىن خۇدا سەن ئۇلار ئۈستىدىن كۈلىسەن،

بارلىق خۇداسىز ئەللەرنى مازاق قىلىسەن.

9ساڭا تەلمۈرىمەن ئى كۈچ-قۇدرىتىم خۇدا،

چۈنكى باشپاناھىمدۇرسەن ماڭا دائىما.

10ۋاپادار پەرۋەردىگار ماڭا كېلىپ ياردەم بېرەر،

دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتەر.

11ئى قالقىنىمىز بولغان ئىگەم،

ھالاك قىلما ئۇلارنى،

ئۇنتۇمىسۇن خەلقىم ئۇلارنىڭ ھالىنى،

قۇدرىتىڭ بىلەن سەرسان قىلغىن ئۇلارنى،

يەرگە قاراتقىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى.

12ئېغىزلىرى تولغاندۇر يامانلىققا،

زەھەر تامار تىللىرىدىن ئۇلارنىڭ،

يامان سۆز ۋە يالغانچىلىقلىرى،

تۇمشۇقىدىن ئىلگەي تەكەببۇرلۇقىنىڭ.

13غەزىپىڭدە يوق قىل ئۇلارنى،

قىرىپ تاشلا قالدۇرماي بىرىنى.

ئايان بولسۇن پۈتۈن دۇنياغا،

ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا خۇدانىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكى. سېلاھ

14ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار،

لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر.

15ئوزۇق ئىزدەپ ھەريانغا قاترار،

تاپالمىسا ئەگەر ئاچ قېلىپ ھۇۋلار.

16ۋاھالەنكى، مەن كۈيلەيمەن قۇدرىتىڭنى،

ھەر سەھەردە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.

چۈنكى سەن مېنىڭ قورغىنىمسەن،

ئېغىر كۈنلەردە پاناھگاھىمسەن.

17ئى ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بولغان ئىگەم،

باردۇر ساڭا مېنىڭ مەدھىيەم.

سەن مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇرسەن،

ماڭا مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدادۇرسەن.



*5قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ بەزى تەرجىمىلەردە «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ياكى «پەرىشتىلەرنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى