« زەبۇر »

72

سۇلايمان يازغان مۇناجات

1ئى خۇدا، پادىشاھقا* ئاتا قىلغىن ئادالىتىڭنى،

بەرگىن شاھنىڭ ئوغلىغا* ھەققانىيىتىڭنى.

2ئۇ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى ئادىل چىقارغاي،

ئاجىز، يوقسۇل بەندىلەرگە ھەققانىي بولغاي.

3تاغلار ئېلىپ كەلگەي خەلقلەرگە مەمۇرچىلىق،

ئادالەتتىن ئېدىرلارمۇ بەرگەي باياشاتلىق.

4ئاقلىغۇچى بولۇپ پادىشاھ ئېزىلگەن مۆمىنلەرگە،

قۇتۇلدۇرغاي نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى

ھەم بىتچىت قىلغاي زالىملارنى.

5ئى خۇدا، بەندىلىرىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىخلاس قىلغاي ساڭا،

تاكى كۈن ۋە ئاي پارلاپ تۇرغۇچە ئاسماندا.

6يامغۇر كەبى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانى،

ياشارتقاي يېڭىدىن ئورۇلغان ئوتلاقلارنى،

يېغىن بولۇپ سۇغارغاي يەر-زېمىننى.

7روناق تاپقاي ھەققانىيلار ئۇنىڭ زامانىدا،

تىنچلىق بولغاي زېمىندا

تاكى ئاي نۇر بېرىشتىن توختىغىچە ئاسمانغا.

8ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاي دېڭىزدىن ئوكيانغىچە،

فىرات دەرياسىدىن زېمىننىڭ چېتىگىچە.

9چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار تىز پۈكەر ئۇنىڭغا،

رەقىبلىرى مەغلۇپ بولار مىلىنىپ توپا-چاڭغا.

10ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش* ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى،

سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا*

ۋە سىبانىڭ* شاھلىرى.

11بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭغا باش ئېگەر،

خىزمىتىدە بولار بارچە خەلقلەر.

12ئۇ قۇتقۇزار نالە قىلغانلارنى،

باشپاناھسىز ئاجىزلارنى،

مەدەتكارى يوق يوقسۇللارنى.

13ئىچ ئاغرىتار ئۇ ئاجىز، يوقسۇللارغا،

پاناھ بولار ئۇ غېرىب پاناھسىزلارغا.

14ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى،

ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتتۇر ئۇلارنىڭ جېنى.

15ياشىسۇن پادىشاھ!

ئۇنىڭغا شىبانىڭ ئالتۇنلىرى سوۋغا بولغاي،

دائىم دۇئالار قىلىنىپ، كۈنبويى بەخت تىلەنگەي.

16ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي،

ئېدىرلاردا ھەتتا باشاق ئوخشىغاي.

ھوسۇللار لىۋان تاغلىرىدىكى ئورمانلاردەك زىيادە بولغاي،

شەھەر ئاھالىلىرى يايلاقتىكى چۆپتەك روناق تاپقاي.

17نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي،

ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي،

بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن،

ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي.

18تەرىپلەنگەي ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار،

بارچە مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ئىگىسى پەقەت ئۇدۇر.

19مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى،

پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى.

ئامىن، ئامىن!

20(شۇنىڭ بىلەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى تامام بولدى.)



*1پادىشاھ _ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

*1شاھنىڭ ئوغلى _ سۇلايماننىڭ يەنە ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بەلكىم بۇ يەردە سۇلايمان ئۆزىنى «شاھنىڭ ئوغلى» دەپ ئاتاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇشى مۇمكىن.

*10تارشىش _ ئىسپانىيەدىكى مەشھۇر پورت شەھىرى.

*10شىبا _ ھازىرقى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى.

*10سىبا _ ئافرىقانىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى