« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

13

سائۇلنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشى

1سائۇل تەختكە چىققان ۋاقتىدا ئوتتۇز ياش ئىدى، ئىسرائىلىيەگە قىرىق ئىككى يىل پادىشاھ بولدى.* 2سائۇل ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى، ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى؛ بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.

3يوناتان گەبادىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى. بۇ خەۋەر فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا تېز تارقالدى. ئۇ چاغدا سائۇل پۈتۈن يۇرتتا بۇرغا* چالدۇرۇپ، ئىبرانىيلارنى ئۇرۇشقا چاقىردى. 4بارلىق ئىسرائىللار: «سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىسرائىللارغا ئۆچلۈكىنى بىلىپ، چاقىرىق بويىچە گىلگالغا كېلىپ، سائۇلغا ئەگەشتى.

5فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى، ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئات ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەرلەرنى يىغىپ كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا چېدىر تىكتى. 6ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 7بىر قىسىملىرى بولسا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلئاد زېمىنىغا ئۆتۈپ كەتتى. سائۇل تېخىچە گىلگالدا ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمە باستى. 8سائۇل، سامۇئىل ئۆزىگە ئېيتقاندەك يەتتە كۈن كۈتتى، ئەمما سامۇئىل تېخىچە گىلگالغا يېتىپ كەلمىگەنىدى. شۇڭا كىشىلەر سائۇلدىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىشكە باشلىدى. 9سائۇل:

_ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

ئاندىن ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 10لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئەمدىلا قىلىپ بولغاندا، سامۇئىل يېتىپ كەلدى. سائۇل ئۇنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىققانىدى، 11سامۇئىل:

_ سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ _ دېدى.

_ قارىسام خەلق مەندىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ، سىزمۇ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلمىدىڭىز، يەنە كېلىپ فىلىستىيەلىكلەر مىكماسقا توپلىنىشتى. 12شۇڭا مەن ئىچىمدە: «ئەمدى فىلىستىيەلىكلەر گىلگالغا كېلىپ، ماڭا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى، مەن تېخى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىگەن تۇرسام» دەپ ئويلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، _ دېدى سائۇل.

13_ سەن ئەخمەقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەمرىگە* رىئايە قىلمىدىڭ! بولمىسا، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئورنۇڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم تۇرغۇزاتتى. 14ئەمدى سېنىڭ پادىشاھلىق ئورنۇڭ ئۇزاققا بارمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى تاپتى. ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ بېشى قىلدى. چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرگە رىئايە قىلمىدىڭ، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا.

15ئاندىن سامۇئىل گىلگالدىن ئايرىلىپ، ئۆز يولىغا كەتتى. قالغانلىرى سائۇلغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن جەم بولدى. ئۇلار گىلگالدىن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھقا كەلدى. سائۇل ئۆز ئادەملىرىنى سانىۋىدى، ئالتە يۈزچە چىقتى.

16سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھتا توختاپ قالدى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى. 17بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئۈچ سەپكە بۆلۈنگەن زەربىدار قىسىملىرى بارگاھىدىن چىقتى. بىر قىسمى شىمالغا قاراپ، شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھقا يول ئالدى، 18بىر قىسمى غەربكە قاراپ، بەيت-خورونغا بارىدىغان يولغا چۈشتى، يەنە بىر قىسمى چۆلنىڭ چېتىدىكى زىبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان تاغقا قاراپ ماڭدى.

19ئۇ چاغلاردا پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە بىرمۇ تۆمۈرچى يوق ئىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ، نەيزە سوقتۇرۇۋالمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلىشىغا يول قويمىغانىدى، 20شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى كەتمەن، پالتا، ئورغاق ۋە ساپان چىشلىرىنى بىلەش ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قېشىغا باراتتى. 21ساپان چىشلىرى ياكى كەتمەن بىلەشنىڭ ھەققى سەككىز گىرام كۈمۈش، ئۈچ چىشلىق ئارا، پالتا ياكى كالا نوقۇيدىغان زىخنى بىلەشنىڭ ھەققى تۆت گىرام كۈمۈش ئىدى. 22شۇڭا ئۇرۇش بولىدىغان ۋاقىتلارغا كەلگەندە، يالغۇز سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاندىلا نەيزە-قىلىچ بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا يا قىلىچ، يا نەيزە يوق ئىدى.

23ئەينى ۋاقىتتا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى مىكماستىكى داۋانغا مۇھاپىزەتچىلىككە چىققانىدى.



*1ئۇشبۇ ئايەتتىكى «ئوتتۇز» ۋە «قىرىق ئىككى» دېگەن سانلار ئىبرانىيچە قول يازمىلاردىن چۈشۈپ قالغان. بۇ يەردىكى «ئوتتۇز» بەزى قەدىمكى گرېكچە تەرجىمىلەرگە ئاساسەن ئېلىنغان. سائۇل پادىشاھنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى ھەققىدە «مۇقەددەس كىتاب»تا ئىككى ئوخشىمىغان مەنبە بار. ئىبرانىيچە قول يازمىلارنىڭ ئۇشبۇ ئايىتىدە، «سائۇل پادىشاھ ئىككى يىل ھۆكۈم سۈرگەن» دەپ يېزىلغان بولسا، ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 13-باب 21-ئايەتتە «قىرىق يىل ھۆكۈم سۈرگەن» دەپ يېزىلغان. يۇقىرىقى مەنبەلەرگە ئاساسەن بىز سائۇل پادىشاھنىڭ قىرىق ئىككى يىل ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى مۆلچەرلىيەلەيمىز.

*3بۇرغا _ قوچقار قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان قەدىمىي چالغۇ ئەسۋاب.

*13خۇدانىڭ سامۇئىل ئارقىلىق سائۇلغا بەرگەن ئەمرى، 10-باب، 8-ئايەتكە قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى