« سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم »

7

پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدىسى

1ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى.

2بىر كۈنى پادىشاھ ناتان ئىسىملىك پەيغەمبەرگە:

_ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.

3ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار سىزگە يار بولۇۋاتقاندىكىن، كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى.

4لېكىن شۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگاردىن ناتانغا ۋەھىي كەلدى:

5سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: «سەن مېنىڭ تۇرۇشۇم ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالماقچىمۇ؟ 6مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ باقمىدىم، ئىزچىل چېدىردا تۇرۇپ، ھەممە يەرنى ئايلىنىپ يۈردۈم. 7مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بولغان يەرلەردە خەلقىم ئىسرائىللارنى پادىچى بولۇپ باشلاپ ماڭسۇن دەپ، تەيىنلىگەن يېتەكچىلەرگە ‹نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ كېدىر ياغىچىدىن ئوردا سالدۇرمىدىڭلار؟› دەپ باققانمۇ؟ 8مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا قويدۇم، 9قەيەرگىلا بارساڭ مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن. 10-11مەن خەلقىم ئىسرائىللارغا بىر جاي تاللاپ بېرىمەن ۋە ئۇلارنى ئۇ يەردە مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئۇلار ئۆز ماكانىدا خېيىم-خەتەرسىز ياشايدۇ. مەن سەردارلارنى خەلقىم ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەن ئاشۇ زاماندىن تارتىپ باشلانغان، رەزىللەرنىڭ خەلقىمگە زۇلۇم قىلىشى ئەمدى توختايدۇ. مەن سېنى بارلىق دۈشمەنلىرىڭدىن تىنچ-ئامان ساقلايمەن. ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى جاكارلايمەنكى: مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىمەن. 12سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان چاغدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. 13ماڭا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالدۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈلۈك قىلىمەن. 14مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مۇبادا ئۇ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئاتا-ئانا بالىسىنى تەربىيە بېرىپ تۈزەتكەندەك، ئۇنى تۈزەيمەن. 15سېنى پادىشاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن مېھىر-مۇھەببىتىمنى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن ھېچقاچان يىراق تۇتمايمەن. 16سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئەبەدىي قىلىمەن.»

17ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن ئۆزىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى.

داۋۇتنىڭ دۇئا ۋە مەدھىيەسى

18شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟ 19ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن ئىگەم پەرۋەردىگار مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن باشقا ئىنسانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟ 20ئاھ ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن قۇلۇڭنى بىلىسەن، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن؟ 21بەرگەن ۋەدەڭ ۋە ئۆز خاھىشىڭ بويىچە شۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلدىڭ ۋە بۇ ئىشلارنى قۇلۇڭغا ئايان قىلدىڭ.

22ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، نەقەدەر ئۇلۇغدۇرسەن، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. سەن بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇرسەن. بىز ساڭا ئوخشاش باشقا خۇدا ھەققىدە ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغانىدۇق. 23يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. ئۆز خەلقىڭنى مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالغان يات ئەللەرنى بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ قوغلىۋەتتىڭ. 24ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈگە ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.

25ئى پەرۋەردىگار خۇدا، قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈگە تۇرغايسەن، ۋەدىلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇرغايسەن. 26شۇندا نامىڭ تائەبەدكە ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىدۇ، قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ.

27ئەي قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئايان قىلغانىدىڭ، شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. 28ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! سەن خۇدادۇرسەن. سېنىڭ سۆزلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر. سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ. 29ئەمدى مەن ساڭا شۇنداق ئىلتىجا قىلاي، مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ تۇرۇشى ئۈچۈن بەخت ئاتا قىلغايسەن. ئى پەرۋەردىگار! سەن شۇنى ۋەدە قىلغانسەن، سەن ئاتا قىلغان بەخت بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى