« مىسىردىن چىقىش »

18

يېترونىڭ مۇسانى زىيارەت قىلىشى

1مۇسانىڭ قېيناتىسى _ مىديان روھانىيسى يېترو خۇدانىڭ مۇسا ۋە ئىسرائىللارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن، يەنى خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 2مۇسا بۇرۇنلا ئايالى ۋە بالىلىرىنى قېيناتىسىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. 3تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى گېرشوم [«ئۇ يەردە ياقا يۇرتلۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] بولۇپ، مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يات ئادەم» دەپ شۇ ئىسىمنى قويغانىدى. 4ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئەلىئەزەر [مەنىسى «خۇدا مېنىڭ ياردەمچىم»] بولۇپ، مۇسا «ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى» دەپ، شۇ ئىسىمنى قويغانىدى. 5يېترو مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، چۆللۈككە، يەنى مۇسا قارارگاھ قىلغان مۇقەددەس تاغنىڭ يېنىغا كەلدى. 6ئۇ قارارگاھقا كىرىشتىن بۇرۇن، مۇساغا ئۆزىنىڭ قىزى ۋە ئىككى نەۋرىسىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر يوللىغانىدى. 7شۇڭا، مۇسا قېيناتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تەزىم قىلىپ سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆزئارا ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، مۇسانىڭ چېدىرىغا كىردى. 8مۇسا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە ئىسرائىللارنىڭ يول بويى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى. 9يېترو بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. 10ئۇ:

_ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ سىلەرنى مىسىر پادىشاھى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئىسرائىل خەلقىنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلدى. 11مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى شۇ قەدەر خارلىغىنىدا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسەتتى، _ دېدى. 12بۇنىڭ بىلەن، يېترو خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى ئاتىدى. ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇدا ئالدىدا قۇربانلىق قىلىنغان تائاملارنى يېدى.

يېترونىڭ ئاقىلانە مەسلىھىتى

13ئەتىسى، مۇسا ئەتىگەندىن كەچكىچە خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى. 14بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مۇسانىڭ قېيناتىسى يېترو مۇساغا:

_ بۇنچىۋالا خالايىق ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنىڭ يوليورۇق بېرىشىڭنى كۈتۈپ تۇرۇشسا، ماجىرالارنى ئۆزۈڭ يالغۇز بىر تەرەپ قىلىشىڭ قانداق گەپ؟ _ دېدى.

15مۇسا ئۇنىڭغا:

_ خالايىق بۇ يەرگە كېلىپ، مەندىن خۇدانىڭ ئەمرىنى سورايدۇ ئەمەسمۇ؟! 16ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا تۇغۇلسا، ئۇلار مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە يوليورۇقلىرىنى ئۇلارغا مەن يەتكۈزىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

17يېترو ئۇنىڭغا:

_ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس. 18بۇنداق كېتىۋەرسە، ئۆزۈڭنىمۇ ئەتراپىڭدىكى قېرىنداشلىرىڭنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن. بۇنچىۋالا كۆپ يۈكنى ئۆز ئۈستۈڭگىلا ئېلىۋالساڭ، ئۆزۈڭ يالغۇز يېتىشەلمەيسەن. 19مەن ساڭا مەسلىھەت بېرەي، خۇدامۇ سەن بىلەن بىللە بولىدۇ. سەن داۋاملىق خەلققە ۋەكىللىك قىلىپ، خۇدا ئالدىغا بېرىپ، خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى خۇداغا مەلۇم قىل. 20خۇدانىڭ قانۇنى ۋە يوليورۇقلىرىنى خەلققە ئۆگىتىپ، ئۇلارغا قانداق ياشاشنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق بۇرچى بارلىقىنى ئۇقتۇرغىن. 21بۇنىڭدىن باشقا، يەنە جامائەت ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا يېمەيدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. 22ئۇلارغا خەلق ئىچىدىكى دەۋالارنى ئۆز ۋاقتىدا سوراشنى تاپشۇرغىن. ئۇلار قىيىنراق دەۋالاردا سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، ئۇششاق-چۈششەك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى ئورۇندىشىپ، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىدۇ. 23ئەگەر سەن خۇدانىڭ يوليورۇقى بويىچە شۇنداق قىلساڭ، خەلقنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالايسەن. خەلقنىڭ ماجىرالىرىمۇ تېز ھەل بولىدۇ، _ دېدى.

24مۇسا قېيناتىسىنىڭ مەسلىھىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆردى. 25ئۇ ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى. 26ئۇلار جامائەتنىڭ دەۋا ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا سورايدىغان بولدى. ئۇششاق-چۈششەك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنراق دەۋالاردا بولسا مۇسادىن يوليورۇق سوراشتى.

27كېيىن، يېترو مۇسا بىلەن خوشلىشىپ يۇرتىغا قايتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى