« ئەستىر »

1

پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ۋاشتىنى خانىشلىقتىن قالدۇرۇشى

1-2تۆۋەندىكى ۋەقە پادىشاھ ئاخاشۋېروش زامانىدا يۈز بەرگەن. ئاخاشۋېروش سۇزا قەلئەسىدىكى تەختىدە ئولتۇرۇپ، ھىندىستاندىن مىسىرنىڭ نېرىسىغىچە بولغان بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانىدى. 3ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بەگلىرىگە بىر كاتتا زىياپەت بەردى. زىياپەتكە پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ سەركەردىلىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە ئالىي ئەمەلدارلار كېلىپ قاتناشتى. 4زىياپەت ئالتە ئاي داۋاملاشتى. پادىشاھ بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆز ئىمپېرىيىسىنىڭ بايلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى.

5ئارقىدىنلا پادىشاھ يەنە سۇزا قەلئەسىدىكى پۈتۈن كىشىلەرگە، مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قارىماي، ئوردا گۈلزارلىقىدا يەتتە كۈن زىياپەت بەردى. 6مەزكۇر گۈلزارلىق ئاق ۋە كۆك كەندىر رەختتىن تىكىلگەن پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەردىكى كۈمۈش ھالقىلارغا سۆسۈن رەڭلىك كەندىر رەخت بىلەن چېكىلگەنىدى. مەرمەر تاش، سەدەپ ۋە تۈرلۈك رەڭلىك تاشلار ياتقۇزۇلغان يەرنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يۆلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغانىدى. 7شارابلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالتۇن قەدەھلەرگە قۇيۇلغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئوردىدىكى شارابلار مەردلەرچە تەمىنلەندى. 8پادىشاھ ئوردا خىزمەتكارلىرىغا ھەممەيلەننىڭ خالىغانچە شاراب ئىچىشىگە يول قويۇشلىرىنى، ئەمما ھېچكىمگە زورلىماسلىقلىرىنى بۇيرۇدى. 9شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خانىش ۋاشتى پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن ھەم زىياپەت بەردى.

10كاتتا زىياپەتنىڭ يەتتىنچى كۈنى پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىدىغان يەتتە ھەرەمئاغىسىنى* يەنى مىھۇمان، بىزتا، خاربونا، بىغتا، ئاباغتا، زېتار، كەركەسلەرنى 11خانىش ۋاشتىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ كېلىشلىرىنى بۇيرۇدى. خانىش ئىنتايىن چىرايلىق ئايال بولغاچقا، پادىشاھ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بارلىق زىياپەت ئەھلىگە ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆرسەتمەكچىدى. 12لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ بېرىشنى رەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، غەزىپى ئۆرلەپ كەتتى. 13ئاشۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھلارنىڭ قائىدىسى بويىچە پادىشاھ مەلۇم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، قانۇن ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامنى ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاتتى، شۇڭا پادىشاھ ئۆز زامانىنىڭ تاكامۇللاشقان ئاقىللىرىدىن مەسلىھەت سورىدى. 14ئاقىللاردىن ئۇنىڭ يېقىنلىرى كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسىنا ۋە مىمۇكانلار ئىدى. ئۇلار پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى يەتتە ئالىي ئەمەلدار بولۇپ، پادىشاھ بىلەن دائىم كۆرۈشەلەيدىغان ۋە ئىمپېرىيىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى. 15پادىشاھ ئۇلاردىن:

_ مەنكى پادىشاھ ئاخاشۋېروش ھەرەمئاغىسىنى ئەۋەتىپ، خانىش ۋاشتىغا ئەمر يەتكۈزگەنىدىم. لېكىن، ئۇ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرمىدى. قانۇن بويىچە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سورىدى. 16مىمۇكان بۇنىڭغا جاۋابەن پادىشاھ ۋە باشقا ئالىي ئەمەلدارلارغا مۇنداق دېدى:

_ خانىش ۋاشتى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئەمەس، بەلكى پادىشاھنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئالدىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ! 17چۈنكى خانىشنىڭ قىلغان بۇ ئىشى ئىمپېرىيىمىزدىكى ھەممە ئاياللارنىڭ ئارىسىغا تارقىلىشى بىلەنلا بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئۆز ئەرلىرىنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇلار: «پادىشاھ ئاخاشۋېروش خانىش ۋاشتىنى ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلغانىكەن، ئەمما ئۇ بېرىشنى رەت قىلىپتۇ» دېيىشىدۇ. 18پېرسىيە ۋە مىدىيادىكى ئەمەلدارلارنىڭ خانىملىرى خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان ئەرلىرىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە مەنسىتمەسلىك بىلەن خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ. 19ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا. 20پادىشاھ ئەمرى كاتتا ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەممە جايلىرىغا جاكارلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بار يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، _ دېدى.

21پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بۇ پىكىرنى توغرا تاپتى، شۇڭا پادىشاھ مىمۇكاننىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردى. 22پادىشاھ ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئىمپېرىيىنىڭ ھەممە جايلىرىغا: «ھەربىر ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ خوجايىنىدۇر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى.



*10ھەرەمئاغىلىرى ئوردىدىكى نۇرغۇن ئىشلاردا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان خىزمەتچىلەر بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇلار ئوردا توقاللىرىنى باشقۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولاتتى. ئۇلار پىچىۋېتىلگەن ئەرلەر بولۇپ، قىزلارغا چېقىلمايتتى ۋە پەرزەنتمۇ قالدۇرالمايتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى