« رۇت »

1

ئەلىمەلەك ئائىلىسىنىڭ موئاب ئېلىگە بېرىشى

1-2ئىسرائىلىيەگە سەردارلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا، دۆلەت ئىچىدە قەھەتچىلىك يۈز بەردى. ئۇ چاغدا يەھۇدا زېمىنىنىڭ ئەفراتا رايونىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ئەلىمەلەك ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خوتۇنى نائومى شۇنداقلا ماخلون ۋە كىليون ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، موئاب ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇردى. ئۇلار ئۇ يەردىكى ۋاقتىدا 3ئەلىمەلەك ئالەمدىن ئۆتۈپ، نائومى ئىككى ئوغلى بىلەن قالدى. 4ئىككى ئوغلى موئاب يۇرتىنىڭ قىزلىرىدىن ئورپاھ ۋە رۇتلارغا ئۆيلەندى. ئۇلار ئۇ يەردە ئون يىلچە ياشىغاندىن كېيىن، 5ماخلون ۋە كىليونلارمۇ ۋاپات بولۇپ، نائومى پەرزەنتسىز تۇل بولۇپ قالدى.

نائومى بىلەن رۇتنىڭ بەيتلەھەمگە قايتىپ كېلىشى

6نائومى موئابتا تۇرغان ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مول ھوسۇل بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۇرتىغا قايتماقچى بولدى. 7ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن بىللە بۇرۇن تۇرغان ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قاراپ مېڭىش يولىدا 8ئىككى كېلىنىگە:

_ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭكىگە قايتىپ كەتسەڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىغىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلغاي. 9پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ يەنە نىكاھلىنىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، ئامانلىقتا ياشىشىڭلارنى نېسىپ قىلسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن نائومى ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى، لېكىن ئىككى كېلىن:

10_ ياق! بىز سىز بىلەن بىللە ئۆز خەلقىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىمىز، _ دەپ ئۈن سېلىپ، يىغلىشىپ كېتىشتى.

11بىراق نائومى:

_ قىزلىرىم، قايتىپ كېتىڭلار! نېمىشقا مەن بىلەن كېتىسىلەر؟ ئويلاپ بېقىڭلار، مەن يەنە سىلەرگە ئەر بولىدىغان ئوغۇل تۇغالامدىمەن؟ 12قايتىپ كېتىڭلار، قىزلىرىم، مېڭىڭلار! مېنىڭ يېشىم نىكاھلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى. نىكاھلىنىشقا ئازراق ئۈمىدنىمۇ بار دەيلى، ئەگەر مەن بۈگۈنلا بىرسىگە تېگىپ، ئوغۇللۇق بولدۇممۇ دەيلى، 13سىلەر ئۇ ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكۈچە كۈتۈپ تۇرالامسىلەر؟ سىلەر باشقا ئەرگە تەگمەي ئۇلارنى كۈتەلەمسىلەر؟ ياق! قىزلىرىم، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مېنى پەرۋەردىگار ئۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان شور پېشانىلىكىنى سىلەر تارتساڭلار توغرا بولمايدۇ، _ دېدى.

14ئۇلار يەنە قاتتىق يىغلاشتى. ئورپاھ قېينانىسىنى سۆيۈپ قويۇپ كەتتى. لېكىن رۇت قېينانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى. 15نائومى ئۇنىڭغا:

_ رۇت، كېلىن سىڭلىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ئىلاھىنىڭ يېنىغا كەتتى. سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قايتقىن! _ دېدى.

16بىراق رۇت:

_ مېنى سىزدىن تېنىپ قېشىڭىزدىن كېتىشكە زورلىماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن. سىز نەدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سىزنىڭ خەلقىڭىز مېنىڭمۇ خەلقىم. سىزنىڭ خۇدايىڭىز مېنىڭمۇ خۇدايىم. 17سىز قەيەردە ئۆلسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەرگە كۆمۈلىمەن. ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ئەگەر مەن بۇ قەسىمىمگە ئەمەل قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.

18رۇتنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە كېتىشنى شۇنچىلىق كۈچلۈك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نائومى ئۇنى قايتا زورلىمىدى.

19ئۇلار بىللە مېڭىپ بەيتلەھەمگە باردى. ئۇلار يېتىپ بارغاندا، پۈتۈن شەھەر خەلقى ھاياجانغا چۆمدى. ئاياللار ئەجەبلىنىپ، بىر-بىرىگە:

_ ئۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

20نائومى:

_ مېنى نائومى [مەنىسى «يېقىملىق»] دېمەي، مارا [مەنىسى «ئاچچىق»] دەڭلار! _ دېدى. ئۇ يەنە ئۇلارغا:

_ ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى شور پېشانە قىلدى. 21مەن يۇرتۇمدىن كەتكىنىمدە بەختلىك ئىدىم، لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى. پەرۋەردىگار مېنى ئەيىبلىدى، ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا كۈلپەت سالدى. شۇنداق تۇرسا، سىلەر مېنى نېمىشقا يەنە نائومى دەپ ئاتايسىلەر!؟ _ دېدى.

22شۇ تەرىقىدە نائومى ۋە ئۇنىڭ موئابلىق كېلىنى رۇت موئابتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى