« لاۋىيلار »

19

پاك ۋە ئادىل ياشاش توغرىسىدا

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مۇقەددەستۇرمەن.

3ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

4بۇتلارغا سەجدە قىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئاتاپ قۇيما بۇت ياسىماڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

5ماڭا ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن جاكارلىغان قائىدىلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن. 6سۇنۇلغان قۇربانلىقلار شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى يەپ تۈگىتىلسۇن. ئەگەر ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، ھەممىسى كۆيدۈرۈلسۇن، 7چۈنكى ئۇ سېسىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يېيىلسە، مەن بۇنداق قۇربانلىقنى قوبۇل قىلمايمەن. 8ئۇنى يېگەن ئادەم جازايىمغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ مەن مۇقەددەس دەپ بىلگەن قۇربانلىقنى بۇلغىدى. ئۇنداق كىشى خەلقنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.

9ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار. 10ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈملەرنى پاك-پاكىز يىغىۋالماڭلار ھەم يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۈزۈملەرنى يىغماڭلار. ئۇلارنى ئاراڭلاردىكى كەمبەغەللەرگە ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

11ئوغرىلىق، يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلماڭلار.

12مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلساڭلار، قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بولمىسا نامىمنى بۇلغايسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

13باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماڭلار. ئادەم ئىشلەتسەڭلار، ھەققىنى شۇ كۈنى بېرىڭلار، ئەتىگە قالدۇرماڭلار.

14گاسنى ھاقارەتلىمەڭلار، قارىغۇنى پۇتلىماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

15ھەقىقەتنى بۇرمىلىماڭلار، ھەم نامراتلارغا يان باسماڭلار ھەم ھوقۇقدارلارغا خۇشامەت قىلماڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇڭلار. 16باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭلار. باشقىلار ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ھاياتىغا زامىن بولماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

17قېرىندىشىڭلارغا ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئەيىبىنى يۈزىگە دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇپ قالمايسىلەر. 18ئۆچ ئالماڭلار، قېرىندىشىڭلارغا غۇم ساقلىماڭلار، باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

19بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. ئوخشىمىغان تۈردىكى ھايۋانلارنى ئۆزئارا جۈپلەشتۈرمەڭلار. بىر ئېتىزغا ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇرۇق ئارىلاشتۇرۇپ چاچماڭلار، ئىككى خىل يىپتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمەڭلار.

20بىر كىشىگە نىكاھلىنىشقا پۈتۈشۈپ قويۇلغان دېدەك تېخى سېتىلمىغان ياكى ئازاد قىلىنمىغان ئەھۋالدا، باشقا بىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتسا، ئۇ دېدەكنىڭ ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. لېكىن ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىسۇن، چۈنكى دېدەك تېخى ئازاد ئەمەستۇر. 21دېدەك بىلەن بىرگە ياتقان ئادەم ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق قوچقارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن. 22روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇنى گۇناھتىن ساقىت قىلسۇن، ئاندىن ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

23سىلەر كەنئان زېمىنىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەندىن كېيىن، ئۈچ يىلغىچە مېۋىسىنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش مەنئى قىلىنسۇن. 24تۆتىنچى يىلىدىكى مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى مەدھىيە ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتالسۇن. 25بەشىنچى يىلى مېۋىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلساڭلار، مېۋىلىك دەرىخىڭلار تېخىمۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

26قانسىرىمىغان گۆشنى يېمەڭلار. پال سالغۇزماڭلار ۋە ئەپسۇنمۇ ئوقۇتماڭلار. 27چېكى چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، ساقىلىڭلارنىڭ يانلىرىنى قىرقىماڭلار. 28ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھازا تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار. تېنىڭلارغا بەلگە سالماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

29قىزىڭلارنى پاھىشەلىككە سېلىپ، ئۇنى خورلىماڭلار، بولمىسا زېمىنىڭلار بۇزۇقچىلىققا ۋە رەزىللىككە تولۇپ كېتىدۇ.

30دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

31ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلاردىن ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

32مويسىپىت كىشىلەرنى كۆرگەندە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەڭلار. مەنكى خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

33سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار، 34ئۇلارنى ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردەك كۆرۈڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ بۇرۇن مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

35ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە مىقدار ئۆلچەملىرىدە ئالدامچىلىق قىلماڭلار. 36تارازاڭلار، تارازا تېشىڭلار، كۈرە ۋە كەمچىنىڭلار توغرا بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

37مېنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى