« لاۋىيلار »

21

روھانىيلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ھارۇننىڭ روھانىي ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، روھانىيلار خەلق ئارىسىدىكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ جەسىتىگە تېگىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن. 2ئۇلار پەقەت ئۆزى بىلەن قانداش بولغان ئاتا-ئانىسى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئاكا-ئىنىلىرى، 3تېخى ياتلىق بولمىغان ئاچا-سىڭىللىرى سەۋەبىدىن ناپاك بولسا بولىدۇ. 4لېكىن ئۇلار خەلقنىڭ باشلامچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ جەسىتى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى بۇلغىسا بولمايدۇ. 5ئۇلار ھازىدار بولغاندا چېچىنى چۈشۈرمىسۇن، ساقاللىرىنىڭ يانلىرىنى قىرقىمىسۇن، تەنلىرىنى تىلمىسۇن. 6ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا پاك بولسۇن، نامىمنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار پاك بولسۇن.

7روھانىيلار بۇلغانغان پاھىشە ئاياللارنى ياكى ئاجراشقان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالمىسۇن، چۈنكى روھانىيلار مېنىڭ نەزىرىمدە پاكتۇر. 8سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاتالغان يېمەكلىكنى سۇنغۇچىلاردۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنىمۇ پاكلىغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

9روھانىيلارنىڭ قىزلىرى زىنا قىلىپ ئۆزلىرىنى بۇلغىسا، ئاتىلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ، ئۇلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن.

10روھانىيلارنىڭ ئىچىدىكى بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، مۇقەددەس توننى كىيىپ، باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگۈچى ھازا تۇتۇش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۇۋۇپ، كىيىملىرىنى يىرتمىسۇن. 11ئۇ ھەرقانداق جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن، ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ جەسىتى بولسىمۇ يېقىنلاشمىسۇن. ئۆزىنى بۇلغاشتىن ساقلىسۇن. 12ئۇ ئىبادەت جايىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، دەپنە مۇراسىمىغا بارمىسۇن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس يېغىم بىلەن ماڭا بېغىشلانغاندۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

13باش روھانىي ئىپپەتلىك قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. 14تۇل ئايالنى، ئاجراشقان ئايالنى، ياكى بۇلغانغان پاھىشەنى ئەمرىگە ئالمىسۇن. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدىكى ئىپپەتلىك قىزنى ئەمرىگە ئالغاندىلا، 15پەرزەنتلىرى خەلق ئارىسىدا پاك ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۇنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

17_ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھېچقايسىسى ماڭا ئاتاپ ھۇزۇرۇمغا يېمەكلىك ئەكەلمىسۇن. بۇنىڭغا كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭمۇ ئەمەل قىلسۇن. 18جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھەممىسى، يەنى مەيلى قارىغۇ، ئاقساق-چولاق، چىرايى بۇزۇلغان، پۇت-قوللىرى ئۇزۇن ئۆسۈپ قالغان، 19قول-پۇتى سۇنغان، 20دوك، پارپا، كۆزى ئەيىبلىك، قوتۇر ياكى قىچىشقاق بولسۇن، ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلىپ كەتكەن بولسۇن، ھېچقايسىسى ماڭا ھەدىيە سۇنمىسۇن. 21روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغىنى ھۇزۇرۇمغا كېلىپ يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنمىسۇن. 22لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ. 23بىراق، ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغاچقا، ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىكى پەردىگە ياكى چېدىر ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس بولغان جايلىرىمنى بۇلغايدۇ. مەن بۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

24مۇسا بۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا تاپىلىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى