« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

12

خۇدانىڭ ئىبراھىمنى تاللىشى

1پەرۋەردىگار ئىبرامغا* مۇنداق دېدى:

_ سەن يۇرتۇڭدىن چىقىپ، ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن.

2«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ،

ئۇلارنى بىر چوڭ خەلق قىلىمەن.

مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن.

شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر سەن ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.

3ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن،

ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن.

سەن ئارقىلىق ھەممە مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!»

4ئىبرام يەتمىش بەش يېشىدا پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھاران شەھىرىدىن كەتتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتتى. 5ئىبرام ئايالى ساراھ بىلەن جىيەنى لۇتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، 6سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇب دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا، كەنئانلىقلار شۇ زېمىندا ياشاۋاتاتتى.

7پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:

_ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادىڭغا تەقدىم قىلىمەن، _ دېدى.

شۇڭا، ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى. 8كېيىن، ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 9كېيىن، ئۇ ئاستا-ئاستا كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب رايونىغا يۆتكەلدى.

ئىبرامنىڭ مىسىرغا بېرىشى

10كەنئاندا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىبرام مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقتىنچە تۇرماقچى بولدى. 11ئۇلار مىسىرغا كىرىشكە ئاز قالغاندا، ئىبرام ئايالى ساراھقا:

_ سەن بىر گۈزەل ئايال. 12مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، جەزمەن مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، سېنى ھايات قالدۇرۇپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. 13سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنى مېنىڭ سىڭلىم دېگىن. شۇنداق دېسەڭ، ئۇلار سېنى دەپ، مېنىڭ جېنىمغا زامىن بولماي، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، _ دېدى.

14ئىبرام مىسىرغا كىرگەن ۋاقتىدا، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ گۈزەللىكىنى بايقىدى. 15ئوردىدىكى بىرنەچچە ئەمەلدار ئۇنى كۆرۈپ، پادىشاھ ئالدىدا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تەرىپلىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ساراھ ئوردىغا ئېلىپ كىرىلدى.

16پادىشاھ ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئىبرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن كالا، قوي، ئېشەك، تۆگە ۋە ئەر-ئايال قۇللارنى سوۋغات قىلدى. 17لېكىن، پادىشاھ ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە ئاپەت ياغدۇردى. ئۇلار قورقۇنچلۇق كېسەلگە گىرىپتار بولدى. 18بۇنى سەزگەن پادىشاھ ئىبرامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:

_ بۇ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ساراھنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدىڭ؟ 19نېمىشقا ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ شۇنداق دېگىنىڭنى ئاڭلاپ، مەن ئۇنى ئالدىم. ئايالىڭ مانا! ئۇنى ئېلىپ كەت! _ دېدى.

20بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۆز ئەمەلدارلىرىغا ئىبرامنى چېگرىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئەمر قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئايالى ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سالدى.



*1ئىبرام _ خۇدا كېيىن «ئىبراھىم» دەپ ئىسىم قويغان پەيغەمبەر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى