« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

9

خۇدانىڭ نۇھ بىلەن ئەھدە تۈزۈشى

1خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنياغا تارقالسۇن. 2يەر يۈزىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار، ئۇچارقاناتلار ۋە بېلىقلار سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردا بولىدۇ. 3بۇرۇن سىلەرگە ئوزۇقلۇق ئۈچۈن كۆكتاتلارنى بەرگىنىمدەك، ئەمدى سىلەرگە ھەممە ھايۋاناتلارنىمۇ بېرىمەن. 4لېكىن، سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر. 5بۇنىڭدىن باشقا، قان تۆكۈلۈش بولسا، چوقۇم ھېساب ئالىمەن. ھەرقانداق بىر ھايۋان ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىنمۇ ھېساب ئالىمەن. كىمدەكىم ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىمەن.

6مەن ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتىم،

شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى باشقا بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسە،

ئۇنىڭ قېنىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ.

7سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنيانى قاپلىسۇن.

8-10ئاندىن، خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئەمدى سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن ھەمدە يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋاناتلار، يەنى سىلەر بىلەن بىللە كېمىدىن چىققان ھەربىر ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. 11سىلەرگە ۋەدە بېرىمەنكى، پۈتكۈل جانلىقلار ھەرگىز توپان بىلەن قايتا يوقىتىلمايدۇ، يەر يۈزىنى خاراب قىلىدىغان توپان ئىككىنچى كەلمەيدۇ. 12-13مەن سىلەر ۋە بارلىق جانلىقلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدىنى تۈزدۈم. بۇ ئەھدىنىڭ بەلگىسى _ ئاسماندا كۆرۈنىدىغان ھەسەن-ھۈسەندۇر. 14-15مەيلى قاچان بولمىسۇن، يامغۇردىن كېيىن ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئارىسىدا ھەسەن-ھۈسەننى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنىڭ سىلەر ۋە پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالىمەن. توپان بارلىق جانلىقلارنى قايتا يوقاتمايدۇ. 16ھەسەن-ھۈسەننىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولۇشى ئۆزۈمنىڭ سىلەر ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنى ئېسىمگە كەلتۈرىدۇ. 17ھەسەن-ھۈسەن مېنىڭ بارلىق جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى بولسۇن.

نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى

18كېمىدىن چىققان نۇھنىڭ ئوغۇللىرى: سام، ھام ۋە ياپەتلەر ئىدى. (ھام كەنئانلىقلارنىڭ بوۋىسى.) 19دۇنياغا تارقالغان ھەممە خەلقلەر نۇھنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

20نۇھ دېھقان بولۇپ، ئۈزۈمزارلىق يېتىشتۈرگەن بىرىنچى كىشى ئىدى. 21بىر قېتىم، ئۇ شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، چېدىرىدا ياتاتتى. 22كەنئاننىڭ ئاتىسى بولغان ھام، ئاتىسىنىڭ قىپيالىڭاچلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، بۇ ئىشنى ئىككى قېرىندىشىغا ئاشكارىلاپ قويدى. 23سام بىلەن ياپەت ئۇچىسىغا بىر ئۇزۇن چاپان يېپىنچاقلاپ، چېدىرنىڭ ئىچىگە كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، چاپاننى ئاتىسىغا يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى. 24نۇھ ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلى ھامنىڭ قىلغانلىرىنى بىلىپ، 25ئۇنىڭ ئوغلى كەنئانغا لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى:

«كەنئانغا لەنەت ياغقاي!

ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قۇلى بولغاي.

26پەرۋەردىگار _ سام ئېتىقاد قىلغان خۇدا مەدھىيىلەنگەي!

كەنئاننىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.

27خۇدا ياپەتنى گۈللەپ ياشناتقاي.

ئۇنىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادى بىلەن بىللە ئىناق ياشىغاي.

كەنئاننىڭ ئەۋلادى ياپەتنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.»

28توپاندىن كېيىن، نۇھ يەنە 350 يىل ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ 950 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى