« ئەزەكىئەل »

28

تىر پادىشاھىغا قارشى چۈشكەن ۋەھىي

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر ھۆكۈمرانىغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«سەن تەكەببۇرلۇق قىلىپ، كۆڭلۈڭدە: ‹مەن ئىلاھتۇرمەن،

دېڭىزدىكى ئىلاھنىڭ تەختىدە ئولتۇرىمەن› دەيسەن.

سەن ئۆزۈڭنى خۇدادەك دانا چاغلىساڭمۇ،

لېكىن سەن بەرىبىر ئىنسانسەن، خۇدا ئەمەستۇرسەن.

3سەن ئۆزۈڭنى دانىيالدىنمۇ ئەقىللىق چاغلايسەن.

‹مەن بىلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق› دەپ ئويلايسەن.

4سەن ھەقىقەتەن ئەقىل-پارىسىتىڭگە تايىنىپ باي بولدۇڭ،

خەزىنىلىرىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدى.

5سەن سودىغا ماھىرلىقىڭ بىلەن بايلىقىڭنى كۆپەيتكەنلىكىڭ ئۈچۈن،

كۆڭلۈڭنى تەكەببۇرلۇق قاپلاپ كەتتى.»

6شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

«سەن ئۆزۈڭنى مەن خۇدادەك دانا چاغلىغانلىقىڭ ئۈچۈن،

7ساڭا ئەڭ ۋەھشىي يات ئەللەرنى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن.

ئۇلار قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ،

دانالىقىڭ ئارقىلىق ئېرىشكەن گۈزەل نەرسىلىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ

ۋە شان-شەرىپىڭنى بۇلغايدۇ.

8ئۇلار سېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا تاشلايدۇ،

سەن دېڭىزنىڭ مەركىزىدە ئېچىنىشلىق ھالدا ھالاك بولىسەن.

9سەن ئۆزۈڭنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ ئالدىدا

يەنىلا ئىلاھ دېيەلەمسەن؟

سەن سېنى ئۆلتۈرىدىغانلارنىڭ قولىدا

پەقەت ئاددىي بىر ئىنسانسەن، ئىلاھ ئەمەستۇرسەن.

10سەن يات خەلقلەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلىسەن.

بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

تىر پادىشاھىنىڭ ئاقىۋىتى

11پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

12_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر پادىشاھىغا مەرسىيە ئوقۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«سەن تولۇپ تاشقان ئەقىل-پاراسەت ۋە گۈزەللىكىڭ بىلەن

مۇكەممەللىكنىڭ ئۈلگىسى ئىدىڭ.

13سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ.

سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق،

قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ،

زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى.

بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى.

14مەن سېنى ئېرەم بېغىمنى قوغدايدىغان كېرۇب قىلىپ تاللىدىم.

سەن مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئىدىڭ،

ئوتتەك يالتىرىغان تاشلار ئارىسىدا ماڭاتتىڭ.

15سەن يارىتىلغاندىن تارتىپ تاكى رەزىللىك قىلغىنىڭغا قەدەر توغرا يولدا ماڭغانىدىڭ.

16لېكىن تىجارىتىڭ يۈرۈشكەندىن كېيىن، زوراۋانلىق قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلدىڭ.

شۇ سەۋەبتىن، بېغىمنى قوغدايدىغان ئەي كېرۇب،

مەن سېنى تېغىمدىن شەرمەندىلەرچە ھەيدىۋەتتىم،

ئوتتەك يالتىرىغان تاشلار ئارىسىدىن يوقاتتىم.

17گۈزەللىكىڭ سېنى تەكەببۇرلاشتۇردى.

پارلاق شان-شەرىپىڭ ئەقلىڭنى بۇلغىدى.

شۇڭا مەن سېنى يەرگە تاشلاپ،

باشقا ئەل پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭنى تۆكتۈم.

18سەن چەكسىز گۇناھلىرىڭ ۋە

سودىدىكى ئادالەتسىزلىكىڭ بىلەن

سەجدىگاھلىرىڭنى بۇلغىدىڭ،

شۇڭا مەن ئىچىڭدىن سېنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلىدىغان ئوت چىقاردىم

ۋە ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا سېنى كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇردۇم.

19سېنى بىلىدىغان بارلىق ئەللەر ھاڭ-تاڭ بولۇشتى.

سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولدۇڭ،

ئەمدى قايتا مەۋجۇت بولمايسەن.»

سىدون شەھىرىگە قارشى ۋەھىي

20پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

21_ ئەي ئادەم بالىسى، سىدون شەھىرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز 22ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«ئەي سىدون، ساڭا قارشى تۇرىمەن.

سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىمەن،

ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن،

شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

23زېمىنىڭغا ۋابا تارقىتىمەن، كوچىلىرىڭدا قان ئاققۇزىمەن،

قىلىچلىق دۈشمەنلەر ھەممە تەرەپتىن كېلىدۇ،

شەھەرنى ئۆلۈكلەر قاپلايدۇ.

شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

24ئىسرائىللارنى كەمسىتكەن قوشنا ئەللەر ئەمدى ئۇلارغا تىكەن ۋە ئازغانلاردەك سانجىلىيالمايدۇ، شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

ئىسرائىل خەلقىنىڭ بەختلىك بولۇشى

25ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن باشقا ئەللەرگە تارقىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىپ ئەكېلىپ، ئۇلار ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىمنى باشقا ئەللەرگە نامايان قىلغاندا، ئىسرائىللار مەن خىزمەتكارىم ياقۇپقا ئاتا قىلغان زېمىنغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. 26ئۇلار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ، ئۆي سالىدۇ، ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى كەمسىتكەن ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى جازالىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىسرائىللار ئۇ يەردە بىخەتەر ياشايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى