« ئەزەكىئەل »

33

ئەزەكىئەلنىڭ كۆزەتچىلىككە تەيىنلىنىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭگە مۇنداق دەپ ئېيت: «مەن بىر ئەلگە قارشى قىلىچ ئەۋەتسەم، ئۇ ئەل ئۆزلىرىگە بىر كۆزەتچى تەيىنلىسە ۋە 3كۆزەتچى دۈشمەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇرغا چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرسا، 4لېكىن خەلق بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا كۆزەتچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورىدۇر. 5ئۇلار بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ، ئاگاھلاندۇرۇشقا پىسەنت قىلمىغانىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورىدۇر. ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشنى پىسەنتىگە ئالغان بولسا، جانلىرى ئامان قالغان بولاتتى. 6لېكىن كۆزەتچى دۈشمەننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، بۇرغا چېلىپ خەلقنى ئاگاھلاندۇرماي، خەلقنىڭ دۈشمەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولسا، گەرچە ئۆلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتچىدىن ئۇلارنىڭ قان قەرزىنى سۈرۈشتە قىلىمەن.»

7ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزەتچىسى قىلدىم، مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇر. 8ئەگەر مەن رەزىل كىشىگە: «ئەي رەزىل، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، لېكىن سەن ئۇنىڭ يامان يولىدىن يېنىشىغا نەسىھەت قىلمىساڭ ياكى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويمىساڭ، ئۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن. 9ئەگەر سەن ئۇنى يامان يولىدىن يېنىشىغا ئاگاھلاندۇرساڭ، لېكىن يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. لېكىن سەن بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.

شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتى

10_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر: ‹بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىمىز يەلكىمىزدىدۇر. بىز بارغانسېرى ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتىمىز، قانداقمۇ ھايات كەچۈرەلەيمىز؟› دەيسىلەر.» 11مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، رەزىللەرنىڭ ھالاكىتىدىن خۇرسەن بولمايمەن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھايات قېلىشىنى خالايمەن. ئەي ئىسرائىل خەلقى، يېنىڭلار، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسىلەر؟

12ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭگە مۇنداق دەپ ئېيت: «ھەققانىي ئادەم گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىيلىقى ئۇنى گۇناھىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن قول ئۈزسە، ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەزىللىكى ئۇنى ھالاك قىلمايدۇ. ھەققانىي ئادەمنىڭ بۇرۇنقى ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ كېيىن قىلغان گۇناھىدىن ھاياتىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. 13گەرچە مەن ھەققانىي ئادەمگە: ‹سەن چوقۇم ياشايسەن› دەپ ۋەدە بەرگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقىغا ئىشىنىپ ئادالەتسىزلىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ ھەققانىي ئىشلىرىنى ھېسابقا ئالمايمەن. ئۇ قىلغان ئادالەتسىزلىكى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. 14گەرچە مەن رەزىل ئادەمگە: ‹سەن چوقۇم ئۆلىسەن› دېسەممۇ، لېكىن ئۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزۈپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، 15گۆرۈگە ئالغان ۋە ئوغرىلىغان نەرسىنى ئىگىسىگە قايتۇرسا، ئىنسانغا ھاياتلىق بېرىدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا ۋە ئادالەتسىزلىك قىلمىسا، چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ. 16ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ، ئۇ ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھايات قالىدۇ.

17خەلقىڭ: ‹ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر› دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ. 18ئەگەر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، ئادالەتسىزلىك قىلسا، چوقۇم ھالاك بولىدۇ. 19ئەگەر رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، ھايات قالىدۇ. 20لېكىن سىلەر: ‹ئىگىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئادالەتسىزلىكتۇر› دەيسىلەر. ئەي ئىسرائىل خەلقى، مەن ھەربىرىڭلارنىڭ تۇتقان يوللىرىغا يارىشا ھۆكۈم چىقىرىمەن.»

يېرۇسالېمنىڭ گۇمران بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر

21سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 12-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى* يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىققان بىرى بابىلغا كېلىپ ماڭا:

_ شەھەر گۇمران بولدى، _ دېدى. 22شەھەردىن قېچىپ چىققۇچى كېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشۈپ، مېنىڭ گەپ قىلىش ئىقتىدارىمنى قايتۇرۇپ بەرگەنىدى. ئۇ ئادەم ئەتىسى ئەتىگەندە ئالدىمغا كەلگەندە، مەن ئېغىزىمنى ئېچىپ گەپ قىلالىدىم.

23پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

24_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدىكى ئاشۇ خارابە شەھەرلەردە قالغان كىشىلەر مۇنداق دەپ يۈرۈشۈپتۇ: «ئىبراھىم ئۆزى يالغۇز بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ھەقلىق بولغان يەردە، بىز شۇنچە كۆپ بولغاندىكىن بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا تېخىمۇ ھەقلىقمىز!» 25لېكىن سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر قېنى بار گۆش يەيسىلەر، بۇتقا چوقۇنىسىلەر، ئادەم ئۆلتۈرىسىلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟ 26سىلەر قىلىچقا تايىنىپ ياشايسىلەر، يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلىسىلەر، باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىسىلەر. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟»

27سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاشۇ خارابە شەھەردە ياشاۋاتقانلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، دالادا ماكان تۇتقانلارنى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن، قەلئە ۋە ئۆڭكۈرلەرگە مۆكۈنۈۋالغانلار ۋابادا ئۆلىدۇ. 28بۇ زېمىننى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، خەلقنىڭ ماختانغان كۈچى يوق بولىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلىنىدۇكى، ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ. 29ئۇلارنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ زېمىننى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغىنىمدىلا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

30ئەي ئادەم بالىسى، سېنىڭ خەلقىڭ كوچىلاردا ۋە ئىشىكلىرىنىڭ ئالدىدا سەن ھەققىدە: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا نېمە خەۋەرنى يەتكۈز دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى» دېيىشمەكتە. 31ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ. 32سەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت چىلتار چېلىپ، مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىدىغان غەزەلچى، خالاس. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ. 33مەن ساڭا ئېيتقان ھەممە ئىشلار جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.



*21مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 585 يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى