« ئەزەكىئەل »

30

پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرنى جازالىشى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت:

«ئۇ كۈن كېلىۋاتىدۇ، دەپ زار يىغلاڭلار!

3ئۇ كۈنگە ئاز قالدى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى.

ئۇ كۈن ھاۋانى قارا بۇلۇت قاپلايدىغان،

ئەللەر جازالىنىدىغان كۈندۇر.

4بىر قىلىچ مىسىرغا قارشى چىقىدۇ،

كۇش ئېلى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.

مىسىردا نۇرغۇن ئادەم ھالاك بولىدۇ

ۋە دۈشمەنلەر مىسىرنىڭ بايلىقلىرىنى ئولجا ئالىدۇ.

مىسىر يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.

5كۇش، پۇئۇت، لۇد، لىۋىيە ۋە پۈتۈن ئەرەب زېمىنى، شۇنداقلا مىسىرنىڭ قالغان ئىتتىپاقداشلىرى مىسىر بىلەن بىرگە ئۇرۇشتا ۋەيران بولىدۇ.

6مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹مىسىرنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى گۇمران بولىدۇ،

مىسىرنىڭ پەخىرلەنگەن قوشۇنى ھالاك بولىدۇ.

مىگدولدىن ئاسۋانغىچە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

7مىسىر چۆللەرنىڭ چۆلىگە،

شەھەرلىرى خارابىلىكلەرنىڭ خارابىلىكىگە ئايلىنىدۇ.

8مەن مىسىرغا ئوت قويۇپ،

ئۇنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرى ھالاك بولغاندا،

ئاندىن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.

9مەن ئۇ كۈنى غەمسىز ياشاۋاتقان كۇشلارغا ئەلچىلەرنى كېمە بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قورقۇنچقا سالىمەن، مىسىر ھالاك بولغان كۈنى ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ تىترىشىدۇ. قاراپ تۇر، ئۇ كۈن چوقۇم كېلىدۇ!›.

10مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹مەن بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولى بىلەن مىسىرنىڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىمەن.

11نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ۋەھشىيلىرىدۇر.

مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتىمەن.

ئۇلار قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ،

مىسىر زېمىنىنى جەسەت بىلەن تولدۇرىدۇ.

12نىل دەرياسىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن،

ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى رەزىللەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن.

مىسىر زېمىنىنى ۋە ئۇ يەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ياتلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلىمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›

13مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

‹بۇتلارنى يوقىتىمەن،

نوپ شەھىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن،

مىسىردا ئەمدى ھۆكۈمران بولمايدۇ،

مىسىرنى ۋەھىمىگە سالىمەن.

14مىسىرنىڭ جەنۇبىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن،

زوئان شەھىرىگە ئوت قويىمەن،

نو شەھىرىنى جازالايمەن.

15مەن سىن شەھىرىگە،

يەنى مىسىرنى قوغدايدىغان قورغانغا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن.

نو شەھىرىنىڭ خەلقىنى يوقىتىمەن.

16مىسىرغا ئوت قويىمەن،

سىن شەھىرىنىڭ ئاھالىسى قاتتىق ئازابلىنىدۇ.

نو شەھىرىنىڭ سېپىلىدىن ھۇجۇم بىلەن يوچۇق ئېچىلىدۇ.

نوپ شەھىرى ھەر كۈنى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.

17ئون ۋە پىبەسەت شەھەرلىرىنىڭ يىگىتلىرى جەڭدە ھالاك بولىدۇ،

ئاھالىلىرى تۇتقۇن بولىدۇ.

18مەن مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋەيران قىلغاندا،

تاخپانخېس شەھىرىنى زۇلمەت قاپلايدۇ.

ئۇنىڭ ماختىنىدىغان كۈچ-قۇدرىتى يوقىتىلىدۇ،

شەھەرنى قارا بۇلۇتلار قاپلايدۇ،

ئۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلىرى ئەسىر ئېلىنىدۇ.

19مەن مۇشۇ يوللار بىلەن مىسىرنى چوقۇم جازالايمەن،

شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.›»

مىسىرنىڭ بابىلغا بېقىندى بولۇشى

20سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 11-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى* پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

21_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلىكىنى تېڭىپ قويمىدى، ھېچكىم ئاغرىقىغا شىپا بولمىدى. شۇڭا ئۇ قولىدا قىلىچ كۆتۈرگۈدەك كۈچلىنەلمىدى. 22مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىر پىرئەۋنىگە قارشى تۇرىمەن، ئۇنىڭ ئىككىلا بىلىكىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن، يەنى ئىككىنچى بىلىكىنىمۇ سۇندۇرۇۋېتىمەن، قولىدىن قىلىچىنى چۈشۈرۈۋېتىمەن. 23مەن مىسىرلىقلارنى ياقا يۇرتلارغا چېچىۋېتىمەن ۋە يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن. 24بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىگە كۈچ بېرىپ، قىلىچ تۇتقۇزىمەن، لېكىن مەن پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن. پىرئەۋن ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىر يارىدار ئادەمدەك ئىڭرايدۇ. 25بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىنى كۈچلۈك، پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى ئاجىز قىلىمەن. قىلىچىمنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇ قىلىچنى پۇلاڭلىتىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلغاندا، مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 26مەن مىسىرلىقلارنى ياقا يۇرتلارغا چېچىۋېتىمەن ۋە يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىمەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»



*20مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 587 يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى