« ئەزەكىئەل »

34

ئىسرائىلىيەنىڭ قويچىلىرى

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

2_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرىگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەقەت ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى! قويچىلارنىڭ قويلىرى بىلەن كارى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟! 3قوينىڭ سۈتىنى ئىچىسىلەر، يۇڭىدا كىيىم كىيىسىلەر، سېمىزلىرىنى بوغۇزلايسىلەر، لېكىن قوي پادىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايسىلەر. 4ئاجىزلىرىغا قارىمايسىلەر، ئاغرىقلىرىنى داۋالىمايسىلەر، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىلىرىنى تاڭمايسىلەر، ئېزىپ قالغانلىرىنى تېپىپ كەلمەيسىلەر، يوقاپ كەتكەنلىرىنى ئىزدىمەيسىلەر، ئەكسىچە ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، زۇلۇم قىلىسىلەر. 5قويچى بولمىغاچقا، قويلار تارقىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولدى. 6مېنىڭ قويلىرىم ھەممە تاغ ۋە ئېگىزلىكلەردە سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ. ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىگە تارقىلىپ كەتتى، ھېچكىم ئۇلارنى ئىزدىمىدى.

7شۇڭا ئەي قويچىلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. 8مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنى چوقۇم جازالايمەن. مېنىڭ قويلىرىم قويچىسىز قېلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولماقتا. مېنىڭ قويچىلىرىم بولغان سىلەر قويلىرىمنى ئىزدىمىدىڭلار. سىلەر قويلىرىمنى باقماي، ئۆزۈڭلارنى باقتىڭلار. 9شۇڭا ئەي قويچىلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! 10مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەرنى قويلىرىم ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىمەن. ئەمدى سىلەر قويلىرىمنى باقالمايسىلەر، شۇڭا ئۆزۈڭلارنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايسىلەر. قويلىرىمنى ئاغزىڭلاردىن تارتىۋالىمەن، قويلىرىم ئەمدى سىلەرگە يەم بولمايدۇ.

11مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئۆزۈم قويلىرىمنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن. 12قويلىرى تارقىلىپ كەتكەن قويچى قويلىرىنى قانداق ئىزدىگەن بولسا، مەنمۇ قويلىرىمنى شۇنداق ئىزدەيمەن. ئۇلار ئاپەتلىك، قاراڭغۇ كۈنلەردە تارقىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن شۇ يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىمەن. 13مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن ھەرقايسى يات ئەللەردىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، سايلىرى ۋە ئادەم ياشايدىغان رايونلاردا باقىمەن. 14مەن ئۇلارنى ياخشى ئوتلاقلاردا يايلىتىمەن. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئۇلار ياخشى يايلاقلاردا خاتىرجەم يېتىپ ئارام ئالىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدىكى ياخشى ئوتلاقلاردا ئوتلايدۇ. 15مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، قويلىرىمغا ئۆزۈم قويچى بولىمەن ۋە ئۇلارنى يايلاقلاردا يايلىتىمەن. 16ئېزىپ قالغانلىرىنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلىرىنى يىغىمەن، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىسىنى تاڭىمەن، ئاجىزلىرىنى كۈچلەندۈرىمەن. لېكىن باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، ھارامدىن سەمرىگەن كۈچلۈكلىرىنى يوقىتىمەن. مەن پادىلىرىمنى ئادالەت بىلەن باقىمەن.

17ئەي پادىلىرىم، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، مەن سىلەرنى سوراق قىلىمەن، قوي بىلەن تېكىنى، ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيمەن. 18ئەي تېكىلەر، سىلەر ئوتلىرى ئەلۋەك ئوتلاقلاردا ئوتلاپ تويمىدىڭلارمۇ؟! يەپ بولالمىغىنىڭلارنى دەسسەپ چەيلىشىڭلار كېرەكمىدى؟ سۈزۈك سۇلارنى ئىچىپ قانغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى كېچىپ لېيىتىشىڭلار كېرەكمىدى؟! 19مېنىڭ قويلىرىم سىلەر چەيلىۋەتكەن چۆپنى يېيىشى، سىلەر لېيىتىۋەتكەن سۇنى ئىچىشى كېرەكمۇ؟!

20شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، مەن سېمىز قويلار بىلەن ئورۇق قويلارنى ئايرىپ سوراق قىلىمەن. 21سېمىز قويلار بىقىنى ۋە يەلكىسى بىلەن ئورۇق قويلارنى ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسمەكتە. 22شۇڭا مەن قويلىرىمنى قۇتقۇزىمەن. ئەمدى ئۇلار ئولجا بولمايدۇ. مەن قويلار ئارىسىدا ئادالەت ئورنىتىمەن. 23ئۇلارغا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر قويچى تەيىنلەيمەن. ئۇ ئۇلارغا قويچى بولۇپ، ئۇلارنى باقىدۇ. 24مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇ خىزمەتكارىم داۋۇتقا ئوخشاش ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

25مەن ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، بۇ زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقىتىمەن. شۇندىلا ئۇلار دالالاردا بىخەتەر ياشايدۇ، ئورمانلاردا تىنچ-ئامان ئۇخلايدۇ. 26مەن ئۇلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىمەن ۋە تېغىمنىڭ تۆت ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلىمەن. ئۇلارغا پەسىل يامغۇرى ياغدۇرۇپ، بەخت ئاتا قىلىمەن. 27باغلار مېۋىلەيدۇ، ئېتىزلار ھوسۇل بېرىدۇ، خەلقىم ئۆز يۇرتلىرىدا خاتىرجەم ياشايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئۇلارنى قۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. 28ئۇلار ئەمدى باشقا ئەللەرنىڭ ئولجىسى بولمايدۇ ھەم يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولمايدۇ. ئۇلار خاتىرجەم ياشايدۇ، باشقىلار ئەمدى ئۇلارغا قورقۇنچ سالمايدۇ. 29ئۇلارغا مۇنبەت زېمىن ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەمدى ئاچلىق ئازابىنى تارتمايدۇ ھەم باشقا ئەللەرنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىمايدۇ. 30شۇندىلا ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ خەلقىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 31ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ يايلىقىمدىكى پادىلىرىمدۇرسىلەر. سىلەر مېنىڭ خەلقىم، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى